- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ تۇرپان ــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۆمۈر قاچىلانغان ماشىنا ئالدىدا كېتىۋاتقان ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتتى
2014.01.15 11:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-يانۋار سائەت 8:00لەردە، فۇكاڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان كۆمۈر قاچىلانغان ماشىنا تۇرپان ـ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئالدىدا كېتىۋاتقان ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئوت كېتىپ، ئوت تېزلىكتە كۆمۈرگە تۇتاشتى، قاتناش ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، يول باشقۇرغۇچىلار 9 سائەتتەك بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى، بەختكە يارىشا ئادەم تالاپەت ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
سائەت 16:00لەردە، مۇخبىر تۇرپان ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىي يۆنىلىشىدىكى، شاخې سىترولۇق كۆۋرۈكىگە 4 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلدى، قاتناش ساقچىلىرى ۋاقتىدا قاتناش ئىدارە قىلغاچقا، بۇ يول بۆلىكىدە ماڭىدىغان ماشىنىلار ئاللىقاچان يۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى بولمىغان ئىدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر