باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 19 ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ

2014.01.14 16:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ 9 - يانۋار ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پات ئارىدا ماناس دەرياسى، تاقىرتاغ (دا خۇاڭشەن) قاتارلىق 19 ھەق ئېلىش پونكىتىدا يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇپ، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن لىنۋۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا 85 ئورۇندا ھەق ئېلىش پونكىتى بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە بارلىق ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى: بۇرچىن ھەق ئېلىش پونكىتى، ئوتبۇلاق ھەق ئېلىش پونكىتى، ئورقۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، قىزىل قاباق ھەق ئېلىش پونكىتى، چاكۇرتى ھەق ئېلىش پونكىتى، كۈيتۇن شىمالىي ھەق ئېلىش پونكىتى، كۈمۈش ھەق ئېلىش پونكىتى، يۈيشىگۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، ماناس دەرياسى ھەق ئېلىش پونكىتى، يەنسىخەي ھەق ئېلىش پونكىتى، شوگەي ھەق ئېلىش پونكىتى، شامىڭزا ھەق ئېلىش پونكىتى، شىنخۇ ھەق ئېلىش پونكىتى، چاشا ھەق ئېلىش پونكىتى، تاقىرتاغ (دا خۇاڭشەن) ھەق ئېلىش پونكىتى، شۇاڭلوبا ھەق ئېلىش پونكىتى، سارچوقا ھەق ئېلىش پونكىتى، تيەنبېي ھەق ئېلىش پونكىتى، قاراماي ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلغان G30 − لىنىيەسىنىڭ ئارايۇلتۇز - تۇرپان بۆلىكىدىكى ئارا يۇلتۇز، يەندۇن، ئاستانە، ئاپقۇر بۇلاق، پىچان شەرقى، تۇيۇق ھەق يىغىش پونكىتلىرىدا بۇ قېتىم يېڭىچە ئېغىرلىقنى ئۆلچەش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى» بويىچە، يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ ئۆلچىمى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1 - دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.07 يۈەن؛ 2 - دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.05 يۈەن ئېلىنىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاساسىي باھا: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1 - دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.06 يۈەن؛ 2 - دەرىجىلىك تاشيوللارنىڭ ھەر كىلومېتىرىغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.04 يۈەن ئېلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك ۋە تەشمىلەردە ھەر كىلومېتىرغا ھەر توننا يۈك ئۈچۈن 0.25 يۈەن ئېلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ ھەق ئېلىش ئاپتوموبىلدىكى يۈكنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بويىچە يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا «يۈكنى كۆپ باسقانلار كۆپ ھەق تاپشۇرۇش، يۈكنى ئاز باسقانلار ئاز ھەق تاپشۇرۇش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقانلار ھەسسىلەپ ھەق تاپشۇرۇش»تەك ئادىل، مۇۋاپىق پىرىنسىپ گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن، بۇ نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىشنى ئۈنۈملۈك تۈزەيدىغان ئىقتىسادىي ۋاسىتە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكىدە يولغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر