- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، سىياسىي–قانۇن، تەشۋىقات، ئىدىيە، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز
2014.01.14 14:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، مەركەزنىڭ يىغىنلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى
چېڭ لىشىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 13 – يانۋار دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەركەز يېقىندا ئاچقان مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج پ ك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندىكى مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، نىشانى، ئورنى، رولى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈپ قوللانمىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە سىياسىي – قانۇن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ھازىرقى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، 2014 – يىللىق تەشۋىقات – ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سۆھبەت يىغىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، بۇ يىللىق بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ يىللىق بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى، پىرىنسىپى، يۆنىلىشى، كونكرېت تەدبىرلىرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مەركەزنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، روھىنىڭ تېگىگە يېتىشىمىز، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز، ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
پارتىيەنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنىڭ ئۈچ چوڭ ۋەزىپىسىنى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، سىياسىي – قانۇن قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشان، يۆنىلىشىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي – قانۇن خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەزنىڭ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۆپرەك كۈچەپ، ماھىيەتتىن تۈزەش چارىلىرى ئۈستىدە كۆپرەك كاللا قاتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىسلاھاتنىڭ روھى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 2014 – يىللىق تەشۋىقات – ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. ‹‹بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش››تەشۋىقاتىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەتتە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بازىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە پارتكوم، ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى تەڭ تۇتۇپ، بىللە باشقۇرۇشتەك تەشۋىقات چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. بىرلىك سەپ خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، مىللەتلەر – دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، كېڭىشىش – دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار بىرلىك سەپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر