- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھەر مىللەت كادىرلار مەركەزنىڭ شىجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى
2014.01.10 15:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گېزىتى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. كادىرلار، ئامما ئۆگىنىشتىن كېيىن: يىغىندا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي قوللانمىسى بېكىتىلىپتۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەت، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدۇق
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مۇ جېنجياڭ مۇنداق دېدى: بىز ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەكتىپى ۋە مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپلا قالماي، تەربىيەلەش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۆگىنىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي نىشان، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تەكىتلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى زور ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز؛ تەربىيەلەشتە كادىرلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى دۇ يوڭگاڭ مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز ھەر مىللەت كادىرلارنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۇنجى قەدەمدىكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۇق، كېيىنكى قەدەمدە ئۆز خىزمەت ئالاھىدىلىكىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ چوڭقۇر، قاتلاملار بويىچە مەخسۇس ئۆگىنىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز.
ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق
ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شى يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يۆنىلىشچانلىقى، ئىدىيەۋىلىكى، يېتەكچىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى كىشىلەرگە ياخشى خىزمەت ئىشلەشتا. شۇڭا، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى؛ پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى ۋەزىپە مەۋقە ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە قويۇشتىن ئىبارەت. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مۇشۇ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك.
تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دۇ جىۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېتېئورولوگىيە خىزمەتچىلىرى چوقۇم ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات – سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشىن مۇنداق دېدى: بىز مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۇ بېنلەي مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىدىيەدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر