باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يانفون ئابونتلىرىنىڭ سانى 5 مىليون 472 مىڭ 300گە يەتتى

2014.01.08 17:03   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يانفون ئابونتلىرىنىڭ سانى 5 مىليون 472 مىڭ 300گە يەتتى

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى ۋە ئىنتېرنېت ئېقىم مىقدارىدىن كىرگەن كىرىم ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 ئاشتى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، 2013-يىلى نويابىرغىچە ، ئۈرۈمچىدە يانفون ئابونتلىرىنىڭ سانى 5 مىليون 472 مىڭ 300 گە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.56 ئاشقان . مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا ، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىمىي نوپۇس ۋە ئاقما نوپۇس جەمئىي تۆت مىليونغا يەتكەن بولۇپ ، بۇ ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئادەمنىڭ 1.3 دانە يانفونى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، 2013-يىلى يانۋاردىن نويابىرغىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقە كەسپىدىن كىرگەن كىرىمى 5 مىليارد 701 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.31 ئاشقان ؛ سېتىپ چىقىرىلغان ئۇچۇر تېرمىنال مەھسۇلاتى 986 مىڭ 500 دانە بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.77 ئاشقان ؛ ئىنتېرنېت ئېقىم مىقدارىدىن كىرگەن كىرىم 729 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.6 ئاشقان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…