- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى بىر سودا سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىككى توننا ئېغىرلىقتىكى مېتېئورىت تاش قويۇلۇپ «خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى»
2013.12.19 14:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئۆكتەبىر سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇلغان بۇ ئىككى توننا ئېغىرلىقتىكى مېتېئورىت تاش شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تەخمىنەن يەتتە مېتىرچە چوڭقۇرلۇقتىكى بىر ئازگالدىن بايقالغان. بۇ مېتېئورىت تاشنىڭ ماگىنتلىق خۇسۇسىيىتى بولۇپ، نەرسىلەرنى ئۆزىگە يېپىشتۇرۇۋالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ مېتېئورىت تاشلار مول رايون بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانچە كۆپىيىۋاتقان مېتېئورىت تاش ھەۋەسكارلىرى ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدىن مېتېئورىت تاش ئىزدەۋېتىپتۇ. سودىگەرلەرمۇ مېتېئورىت تاشلارنى ھەر خىل شەكىلدە ئويۇپ چىقىرىپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ. (ما شىنلوڭ فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر