- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بايىنغۇلىندا ئۈچ يىل ئىچىدە 69 مىڭ مو سۇلۇ يەر ئەسلىگە كەلدى
2013.12.13 16:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ياۋا قۇشلار بارغانسېرى كۆپەيدى |
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 12-دېكابىر تېلېگراممىسى ؛ 12-دېكابىر ، مۇخبىرنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2011-يىلدىن ھازىرغىچە ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى كۆللەرنى قوغداشقا ئارقا-ئارقىدىن جەمئىي 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، بۇ رايوندىكى كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئوڭشىغان . نۆۋەتتە ، 69 مىڭ مو سۇلۇ يەر ئەسلىگە كېلىپ ، ياۋا قۇشلار بارغانسېرى كۆپەيگەن .
شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن خۇيپەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باغراش كۆلى دۆلىتىمىز تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتكەن ‹‹ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قوغدىلىدىغان سەككىز نۇقتىلىق كۆل ›› قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ، كۆلنىڭ سۇ سۈپىتى Ⅳ دەرىجىدىن Ⅲ دەرىجىگە يەتكەن ، شورلىشىش دەرىجىسى ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ، كۆل ئەتراپىدىكى سۇلۇ يەرلەر ئەسلىگە كەلگەن ياكى قايتا بەرپا قىلىنغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر