- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە تۆت ئالىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
2013.12.13 16:11 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق كەسىپ ۋە قىسمەن رايونلارنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن ، يەنە تۆت ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پىلان باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنداق دېدى : پىلان بويىچە، ‹‹12-بەش يىل ›› نىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە قىسمەن رايونلارنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللىماقچى ، بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلەر بىردىن ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ . نۆۋەتتە ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىلتىماس قىلىپ تەسىس قىلغان بىڭتۇەن ‹‹شىنشىڭ ›› كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى تەستىقتىن ئۆتتى ، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىمۇ قۇرۇلۇۋاتىدۇ . قەشقەر ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ۋە قاراماينى دۇنيا نېفىت شەھىرىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە دۆلەتكە ئىككى تولۇق كۇرس تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپ قۇرۇش ئىلتىماسى سۇندى . بۇ ئىككى ئالىي مەكتەپ قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قاراماي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ تارماقلىرى مۇتەخەسسىسلەرنى يېتەكچىلىك قىلىش ، ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ ، مەكتەپ قۇرۇلۇشى ، ئوقۇقۇتچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى ، پەن-كەسىپلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى پىلانلاپ بولغان ، قاراماي شەھىرى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە قاراماي تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر