- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قۇتۇبى ناھىيەسىدە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
2013.12.13 14:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
13-دېكابىر سەھەر سائەت 1:26 دە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ بەيياڭگۇ كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندە ، 34 ئادەم قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە 12 سى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغان .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ ، قۇدۇق ئاستىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن رەئىس كۈرەش مەخسۇس نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان .
نۆۋەتتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر