- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1–ئاينىڭ 16–كۈنى باشلىنىدۇ
2013.12.12 17:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
زەرىپە ئەھەد، ئېلنارە ئېلشات خەۋەر قىلىدۇ: 2014 – يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنى باشلىنىدۇ. سىرتتا ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تۆمۈر يول تارماقلىرى 8 – دېكابىردىن باشلاپ بېلەتنى ئالدىن سېتىشقا باشلىدى. ئۇقۇشىمىزچە، 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگىچە ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى سېتىلىدىكەن. كوللېكتىپ بىلەت سېتىۋالغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار 16 – دىكابىرغىچە ‹‹ئىشلەمچىلەر كوللېكتىپ بېلىتى زاكاز قىلىش كېلىشىمى›› تۈزۈپ، بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، كوللېكتىپ بېلەتكە بىردەك ‹‹كوللېكتىپ›› دېگەن خەت يېزىلىدىكەن. بېلەت قايتۇرماقچى بولغانلار پويىز يولغا چىقىشتىن 48 سائەت بۇرۇن رەسمىيەت بېجىرسە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر