- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ‹‹تەپتىش مەھكىمىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2013.12.11 13:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئېكىسكۇرسىيە ۋەكىللىرى بىلەن تەپتىش خادىملىرى سۆھبەتلەشتى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى 10-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ، ‹‹تەپتىش مەھكىمىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى ›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرى ، مەھەللە ۋەكىللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشلىك خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى .
يېتەكلىگۈچىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ، ئېكىسكۇرسىيە ۋەكىللىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دېلو بېجىرىش خىزمىتى رايونى ، ئەرز-دەۋا ، پاش قىلىش ، قوبۇلخانىسى ، پارا بېرىش جىنايىتى ئارخىپىنى ئاختۇرۇش ئۆيى ، دېلو باشقۇرۇش زالى قاتارلىقلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە تەپتىشلىك خىزمىتى ھەققىدىكى نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر