- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى ئېچىۋېتىلدى (1)
2013.12.11 13:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى
بۇنىڭدىن كېيىن ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىزدىگەندە ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا ، كەڭ بەلباغلىق تور ئارقىلىق خادىم قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىدىن ۋاقىپ بولالايدىكەن .
10-دېكابىر ، شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى (http://www.xjggjy.com) ئېچىلىپ ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئورتاق بەھرىلىنەلەيدىغان ئۇچۇر سەھنىسى ھازىرلاندى .
شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى — ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىھەتى سوراش ، سىياسەت-تەدبىرلەر ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بەش سەھىپىدىن تەركىپ تاپقان .
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى شىنجاڭدىكى قاپلاش دائىرىسى كەڭ ، ئىقتىدارى تولۇق ، ئۇچۇر بايلىقى مول ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىسىتېمىسى بولۇپ ، خىزمەت ئورنىغا ئېھتىياجلىق بولغانلارنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا، خادىم قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر