- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇيغۇرتىلىدىكى ئەمگەك توختام ھۈججىتىنى ئېلان قىلدى
2013.12.11 13:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىندا ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەمگەك توختام ھۈججىتى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر بۇ تورغا كىرىپ توختام ھۈججىتىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدىكەن .
ئەمگەك توختام ھۈججىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرسىدا قۇرۇلغان ئەمگەك مۇناسىۋىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۈججەت . 2007-يىلى ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى ›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئەمگەك توختام مەزمۇنىغا چېتىشلىق تۈرلۈك ئۈلگىلىك ھۈججەتلەرنى بېكىتىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئېلان قىلىپ ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ ، تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن .
جايلارنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلىتىپ ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ، يېقىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن كەسپىي تەرجىمە شىركەتلىرى توققۇز تۈرلۈك ئەمگەك قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئالاقىدار نۇسخىلىق ھۈججەتلىرىنى ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا رەسمىي ئېلان قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر