- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


7 خىل مەھسۇلات شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ باھالاندى
2013.12.11 13:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى 4-دېكابىر ئېلان قىلدى . 79 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 87 خىل مەھسۇلات شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ باھالاندى .
ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىم 9-دېكابىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ، ئاشكارىلاش ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، شىنجاڭ ساندۇقسىمان تىرانسفورماتور پونكىتى، يېمەكلىك تۇزى ، پاختا يىپ قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن 87 خىل مەھسۇلات شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى قىلىپ بېكىتىلدى .
بۇ قېتىم باھالاپ چىقىلغان شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرى سانائەت كارخانىلىرى ۋە يېمەكلىك كارخانىلىرىغا چېتىلىدۇ ، ئۇلار ‹‹كۇئېنلۇن ›› ماركىلىق پولىئېتىلېن سىمولىسى ، ‹‹تۇز كۆل ›› ماركىلىق يېمەكلىك تۇزى، ‹‹قۇملۇقتىكى خۇشپۇراق ›› ماركىلىق ئەتىرگۈل مېيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۈچ كارخانا (ئورۇن) تەمىنلىگەن ئۈچ تۈرلۈك مۇلازىمەت تۈرى شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق مۇلازىمەت داڭلىق ماركىسى بولۇپ باھالاندى ، بۇلار ‹‹شىدەن ›› سودا سارىيى ، دوستلۇق گۇرۇھى ، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2002-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن 35 ى باھالىنىپ چىقىلغاندىن ھازىرغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 241 كارخانىنىڭ 269 مەھسۇلاتى شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ باھالانغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر