- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەتكە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
2013.12.10 16:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جەمئىيەتكە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى . تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلارغا مېھىر-مۇھەببەت ھىس قىلدۇرۇش تەربىيىسىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش خىزمتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى ،ھەم بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ ،جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق قاتنىشىشى ،ھەر قايىسى تارماقلار ئورتاق باشقۇرۇش زۆرۈر بولۇپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ،بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن 20 نەپەر كادىر-ساقچىلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى ھەم جەمئىيەتكە ياردەم بېرىش كېلشىمنامىسىگە ئىمزا قويدى ، كادىر-ساقچىلار بىردەك ھالدا ئۆزى ياردەم بەرگەن جىنايەتچىلەرگە قارتا دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا تۆۋە قىلپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، بالدۇرراق ئائىلىسىگە قايتىپ، يېڭىچە ئادەم بولۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. (شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن گۈلنىسا غازى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر