باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پەننىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرايلى

2013.12.10 16:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا غەمخورلۇق قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى)

  ساتتار ساۋۇت

  ئىلمىي روھ كىشىلەرنى خۇراپاتلىقنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈزۈلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ. پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا، خۇراپاتلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ‹‹23 – ئاپرېل›› ۋە ‹‹26 – ئىيۇل›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتناشقان ياشلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، بىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پەننىي بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بىلىم بىلەن ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

  ياشلار، ئۆسمۈرلەر جەمئىيەتنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ كەتمىدى، ئىدىيە جەھەتتىمۇ تېخى پىششىپ يېتىلمىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك بولغاچقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارقاتقان بەزى خاتا ئىدىيە بىلەن قايمىقىپ قېلىپ، ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر. پېشقەدەملەرنىڭ تەربىيەلەشنى بىلىدىغان، كۆيۈنۈپ تەربىيە بېرىدىغان، تەربىيەلەشكە ماھىر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرىنى، بولۇپمۇ ئىدىيە ۋە ئېتىقاد تەربىيەسى، ئىدىيە ۋە ئەخلاق تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى قاتارلىقلار جەھەتلەردىكى باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىسىتىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى نېمىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت، نېمىنىڭ قالاق مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى؛ نېمىنىڭ تەرەققىيات، نېمىنىڭ چېكىنىش ئىكەنلىكىنى؛ نېمىنىڭ ئىلىم – پەن، نېمىنىڭ خۇراپاتلىق ئىكەنلىكىنى؛ نېمىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت، نېمىنىڭ ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن – تۈزۈم ئېڭى، زامان ئېڭى›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ‹‹بەشتە ياخشى پۇقرا›› ئاساسىي تېما تەربىيەسى قاتارلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹بەشتە ياخشى پۇقرا››لاردىن بولۇشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر