باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت شىنجاڭنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئەمەلىيەت بازىسىدىن تۆتنى قۇرۇشىغا مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ

2013.12.10 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈلگىلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسىدا بۇلتۇر 4 – ئايدا ئىش باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت يېقىندا يەنە غۇلجا شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كورلا شەھىرىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈلگىلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇش تۈرىنى تەستىقلىغان، ھەر بىر تۈرگە دۆلەت مەركەز مەخسۇس لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندىدىن 30 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، تۆت تۈرگە جەمئىي 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈلگىلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسىنىڭ 1 – باسقۇچلۇق ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان، غۇلجا شەھىرىنىڭ تۈر مەبلىغى تەستىقلىنىپ ئەمەلىيلەشكەن ھەم قۇرۇلۇش باشلانغان. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن بازىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن كورلا شەھىرى مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ. مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈلگىلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېھقانچىلىق، سانائەت، ھەربىي ئىشلارنى ئۆگىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋە پەن – تېخنىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىدىكەن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر