باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىقلارغا يېڭى مۇھىت ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ

2013.12.09 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، كېلەر يىلى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق 9 چوڭ ساھەدە بۇلغىما قويۇپ بېرىشتىكى يېڭى مۇھىت ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، يېڭى مۇھىت ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلەر بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىش يېڭى ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك ئىكەن، يەتمىگەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشى، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى چەكلىنىدىكەن.

  يېڭى مۇھىت بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق توققۇز چوڭ ساھەدە قويۇپ بېرىلىدىغان ئىس-تۈتەك ۋە توزان، گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى ۋە ئازوت ئوكسىدلىرى زور كۆلەمدە ئازىيىدىكەن، مۇھىت بۇلغىنىشى ئازىيىپ، ھاۋادىكى پ م 2.5 نىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە چۈشىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ توققۇز چوڭ ساھە ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى، تۆمۈر رۇدىسى ئىلغاش سانائىتى، پولات – تۆمۈر ئېرىتىپ ئۇلاش سانائىتى، پولات - تۆمۈر تاۋلاش سانائىتى، پولات پروكاتلاش سانائىتى، تۆمۈر قېتىشمىسى ياساش سانائىتى، كوكۇس كۆيدۈرۈش سانائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر