- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورلا - ئاقسۇ تۆمۈريولىنىڭ 2 - لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلاندى
2013.12.09 09:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
«تاق لىنىيە» لىك جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى «قوش لىنىيە» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى
يۈەن لېي خەۋىرى: گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ 28210 - قېتىملىق يۈك پويىزى 5 - دېكابىر سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، كورلىغا يۈرۈپ كەتتى، ئارىلىقتا كورلىدىن يولغا چىققان 28205 - قېتىملىق يۈك پويىزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى كورلا - ئاقسۇ بۆلىكىنىڭ 2 - لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كورلا - ئاقسۇ تۆمۈر يولى 2 - لىنىيەسى شەرقتە كورلا شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئاقسۇ شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، بۇ تۆمۈر يول لىنىيەسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى توغرىسىغا كېسىپ، بۈگۈر، كۇچا، توقسۇ ناھىيەلىرىدىن ئۆتىدۇ. مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيەسى ئەسلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن پاراللىل بولۇپ، ئەسلىدىكى تاق لىنىيە قوش لىنىيەگە ئۆزگەرتىلدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9.526 كىلومېتىر، لىنىيە دەرىجىسى دۆلەت I دەرىجىلىك بولۇپ، قوش لىنىيەلىك، ئېلېكتىرلەشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان، ئاپتوماتىك توسۇلىدىغان، سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. كورلا - ئاقسۇ 2 - لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى كورلا - ئاقسۇ بۆلىكىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى بىر قاتلىنىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» جەنۇبىي قىسىم تۆمۈر يولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەر ئارىسىدا يولۇچىلار پويىزى بىلەن يۈك پويىزى تەڭ قاتنايدىغان ھالەت شەكىللەندى. كېلەر يىلى تۇرپان - كورلا تۆمۈر يولىنىڭ 2 - لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئاقسۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى 19 سائەتتىن 13 سائەتكە قىسقىرايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر