- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق موماي ‹‹دۇنيا كارتىن شەخسلىرى›› نامزاتىغا كىردى
2013.12.05 09:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئالمىخان سېيىت
ئەنگىلىيە كارتىن دۇنيا رېكورتى تورى 3-نويابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ : ‹‹شىنجاڭدىكى 127 ياشلىق ئالمىخان سېيىت ‹2013-يىللىق سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ساھەسىدىكى دۇنيا كارتىن شەخسلىرى › نامزاتلىقىغا كىردى ›› دېدى .
ئالمىخان موماي 1886-يىلى 25-ئىيۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە قومۇشئېرىق يېزا پەيكۈن ھويلا كەنتىدە تۇغۇلغان . مۇھەببەت ناخشىلىرى ئېيتىش ، يۇمۇر سۆزلەش ، بازار ئايلىنىش ، ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش موماينىڭ دائىملىق تۇرمۇش ئادىتى .
ئالمىخان موماي 2010-يىلىدىن باشلاپ ، ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ‹‹مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن 10 كىشى ›› نىڭ رەت-تەرتىپىدە 2-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن . بۇ يىل 26-ئاۋغۇست ، موماي يەنە ئەنگىلىيە كارتىن دۇنيا رېكورتىنى خاتىرىلەش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن كىشى ›› ۋە ‹‹دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئايال ›› دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ ، مۇشۇ ئىككى تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتقان . يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ بەلگىلەنگەن دوختۇرلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم موماينىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ، موماينىڭ روھىي-ھالىتى ۋە تەن سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر