- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013–يىللىق «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىلدى
2013.11.29 19:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 2013– يىللىق«خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى، قازاق، قىرغىز «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتى، موڭغۇل «ئالتۇن ئۈزەڭگە» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 29–نويابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى باھالاشتا ج ك پ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى روھىنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، مەدەنىيەتنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىپ، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش» فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادىللىقتا، نوپۇزلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىش ئاساسىي ئىدىيە قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى» ناملىق ھېكايىسى قاتارلىق 20 پارچە ئەسەر ئوبزور، شېئىر، ھېكايە، پوۋېست ۋە رومان تۈرى بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئىسمائىل ئەھمەد، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى ھەمدە سۆز قىلدى.
ئۈرۈمچى خەۋىرى/ ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر