- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى ئېگىزلىك پورتىغا توك يەتكۈزۈلدى
2013.11.29 14:55
جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر چېگرا ئېغىزى ـــــ قاراسۇ چېگرا ئېغىزىغا 27-نويابىر رەسمىي توك يەتكۈزۈلۈپ ، ئېغىز ئېچىلغان 10 يىلدىن بۇيان توك بولمىغان تارىخقا خاتىمە بېرىلدى .
قاراسۇ چېگرا ئېغىزى پامېر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن 4300 مېتىر ئېگىز ، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار . بۇ ئېغىز 2004-يىلى 5–ئايدا رەسىمىي ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، جۇڭگو-تاجىستان سودىسىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى . قاراسۇ چېگرا ئېغىزى ھەر يىلى 5-ئايدىن 11-ئايغىچە ئېچىۋېتىلىدۇ .
قاراسۇ چېگرا ئېغىزى تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا 62 كىلومېتىر ، جۇڭگو يىپەك يولى قەدىمىي شەھىرى قەشقەرگە 219 كىلومېتىر، تاجىكىستان چېگرا شەھىرى Murghab قا 90 كىلومېتىر كېلىدۇ . پورتنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ تاجىكىستانغا قاراتقان ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو-تاجىكىستان تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چېگرا ئېغىزى ئېچىلغاندىن بۇيان ، جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەت ‹‹ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ›› ئالدىنقى شەرتى ۋە رامكىسى ئىچىدە ، نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ ، چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر