- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 2014-يىلى 1-ئايدا ئېچىلىدۇ (1)
2013.11.29 14:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن 28-نويابىر چۈشتىن ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى . يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىنى 2014-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى .
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى .
يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ››، ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى › نى يولغا قويۇش چارىسى ›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكىلىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى . يەنە ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەيىنلەش ، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ماقۇللاندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر