- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى
2013.11.29 14:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
(2013–يىل 11–ئاينىڭ 28–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىنى 2014 – يىل 1 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ تەكلىپ قارالمىسى مۇنداق:
1 . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
2 . ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛
ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش؛
3 . ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق خام چوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش؛
ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق شۇ دەرىجىلىك خام چوتىنى تەستىقلاش؛
4 . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
5 . ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
6 . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛
7 . باشقىلار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر