باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى يىراقتىن ئېلېكتىرونلۇق تەستىقلاش سىستېمىسىنى ئاچتى

2013.11.27 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇڭ شياۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى تەستىقلاش كەسپى بويىچە يىراقتىن ئېلېكتىرونلۇق تەستىقلاش سىستېمىسىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تەستىق تۈرىنى بىۋاسىتە يوللاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مەمۇرىي تەستىق جەريانى كونا، تەستىق ھالقىسى مۇرەككەپ؛ مىكرولۇق سۇبيېكىتنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرسىز، ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس... بۇ مەسىلىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە كاپالەت سەۋىيەسىگە توسالغۇ بولغانىدى. دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلىنىپ ئىسلاھات قىلماسلىق، ھەممە نەرسىدىن قورقۇپ ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن ئىسلاھ قىلالماسلىق›› ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، مۇلازىمەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرىدا ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭ رۇنزې كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ مىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ، ئاۋۋال ناھىيەگە، ئاندىن ۋىلايەتكە بېرىپ، ئاخىرىدا ماتېرىياللارنى ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشىغا يوللىمايدىغان بولدۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىرىنچى تۈركۈمدە بىكار قىلىنغان ۋە تەڭشەلگەن 35 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى يوللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىكار قىلىنغان كان ئىزدەش ھوقۇقى باھاسىنى كەچۈرۈم قىلىش تەستىقى، كان ئىزدەش ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇپ ئەنگە ئالدۇرۇش، كان ئېچىش ھوقۇقى باھاسىنى كەچۈرۈم قىلىش تەستىقى قاتارلىق بەش تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىجازىتىدىن باشقا تەستىق تۈرى تەستىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى يەنە كان ئېچىش ھوقۇقىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تەستىقى، تۈرلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاساسلىق خىزمەت تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان خىزمەت ھالقىلىرىنى تەرتىپكە سالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر