- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىككى ئاپتوموبىل ئۆز ئارا سوقۇلۇپ ، يەتتە ئادەم قازا قىلدى
2013.11.22 16:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
21-نويابىر سائەت 14:15 ئەتراپىدا ، دۆلەت يولى 314-لىنىيەنىڭ 784 كىلومېتىر+ 500 يېرى ( ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى چېگرىسى ) دە ، بىر ئارىبۇس بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان ، يەتتە ئادەم يارىلانغان .
21-نويابىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ .
ۋەقە يۈز بەرگەندە ، يا X ھەيدىگەن 新N نومۇر تاختىلىق ئارىبۇس جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېتىۋېتىپ ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ كېلىۋاتقان چېن X ھەيدىگەن 新N نومۇر تاختىلىق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن .
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ، يا X ھەيدىگەن ئارىبۇس كۇچادىن توقسۇغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بولۇپ ، ئەينى چاغدا ئارىبۇستا 14 يولۇچى بار ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر