- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
2013.11.22 16:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
سەرگەردان ، تىلەمچىلەرنىڭ قىشنى ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ، ھەرقايسى جايلاردىن پاناھلاندۇرۇش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، تېز سۈرئەتتە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ، سەرگەردان ، تىلەمچىلەرنى دەل ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ۋە ئىسسىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى .
20-نويابىر ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكىتلىرى يېمەك-ئىچمىكى ، تۇرار جايىنى ئۆزى ھەل قىلالمايدىغان ، ئۇرۇق-تۇغقان ، يۆلەنچۈكى يوق ، يەنە شەھەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت تۇرمۇش ياردەم پۇلى ياكى يېزىلاردا ‹‹بەشتە كاپالەت ›› كۈتۈنۈشىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان ، شەھەرلەردە تىلەمچىلىك قىلىپ جان بېقىۋاتقانلار ، نەرسە-كېرەكلىرىنى باشقىلار ئوغرىلىۋالغان ، باشقىلاردىن تاياق يەپ كەتكەن ، باشقىلارغا ئالدىنىپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ، كوچىلاردا تېنەپ يۈرۈۋاتقانلار ھەمدە ئالاقىدار دېلو مەلۇم قىلىش ئىسپاتلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان كىشىلەر ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى سەرگەردان بالىلاردىن ئىبارەت .
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : تۇرمۇشتا يار-يۆلەكسىز قالغان تىلەمچىلەر ئاۋۋال پاناھلاندۇرۇلۇپ ، ئاندىن تاللاش كېرەك .ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېپىشالماسلىق ، ئىش-ئوقىتىنىڭ تايىنى يوق ، ئۆيدىن باش ئېلىپ چىقىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچلىقتا قالغانلار تۈرلەرگە بۆلۈپ پاناھلاندۇرۇش كېرەك . مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ، مۇقىم تۇرىدىغان ئۆيى يوق ، كوچىلاردا تېنەپ يۈرۈۋاتقان ئىشچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئىسسىنىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك .
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ھەرقايسى جايلار 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق قىلىش تۈزۈمى ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، سەرگەردانلار ، تىلەمچىلەرنى پۈتۈن كۈن پاناھلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر