- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى
2013.11.21 10:03
19-نويابىر ، شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا كارتون فىلىم كۆرمەكتە ، مەيلى كارتون فىلىمدىكى پېرسۇناژلار بولسۇن ياكى مۇخبىرلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدىن چاقنىغان نۇر بولسۇن ، ھەممىسى ئۇلارغا ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىندى .
شۇ كۈنى ، شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى رايونىغا جايلاشقان قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە 35 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ، بۇ يەرنىڭ توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى .
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيە قارچۇغا يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون . بۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بىر قەدەر چەت بولۇپ ، ئېلېكتىر تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىگە كىرەلمەي قالغانلىقتىن ، دېھقان–چارۋىچىلار ھازىرغا قەدەر كىرسىن چىراق ، شام قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن .
2013-يىلى 8-ئايدا ، دۆلەت تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر شىركىتى قاراچۇغا يېزىسىدا 35 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ ، پۈتۈن يېزىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ ، بۇ يېزىدا توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر