باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شائىر توختى قاسىم خۇشال ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 60يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى (2)

2013.11.19 16:32   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شائىر توختى قاسىم خۇشال ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 60يىللىقى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى (2)

  شائىر توختى قاسىم 1935-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى شىخو شەھىرىدە تۇغۇلغان ، ئۇ باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يۇرتىدا تاماملاپ ، 1950-يىلى 7-ئايدا ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ، 1952-يىلى9-ئايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىخو باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ھەم مايتاغ 1-باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ، 1956-يىلدىن باشلاپ «شىنجاڭ نېفىتچىلىرى » گېزىتىدە تەھرىرلىك ، مۇخبىرلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ( ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ نېفىت تېخنىكومى ) دا مەمۇرىي خادىم بولۇپ ئىشلەپ ، 1993-يىلى پېنسىيەگە چىققان . پېنسىيەگە چىققىلى 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولسىمۇ ، شائىر ئىزچىل تۈردە قەلىمىنى توختاتماي مايتاغنى ، ئىشچىلار تۇرمۇشىنى مەدھىيەلەپ شېئىر يېزىپ كەلگەن .

  شائىر 1953-يىلى تارباغاتاي گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋەتەن-ئوغۇل قىزلىرى»دېگەن تۇنجى ئەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى باشلىغان . شۇنىڭدىن باشلاپ شائىرنىڭ 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ، ناخشا تېكىستىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تارىم»، «ئىلى دەرياسى»، «مايبۇلاق »، « مايتاغ ئەدەبىياتى »، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى »، « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى » قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى ، بىر قىسىم شېئىرلىرى «مايتاغ ناخشىسى » ، «ئىز دىيار لىرىكىسى » قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن . 2005-يىلى شائىرنىڭ « جۇڭغارىيە مەرۋايىتى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان .ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
      ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
      ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى 
      ·«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى
      ·«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغ…
      ·ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تۆت تارماق 24 –ئۆكتەبىر قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز…