- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كۆچۈردى
2013.11.15 14:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ۋەكىللەر ناھىيە بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئەخمەت خەۋىرى ، فوتوسى : پوسكام ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-، 13-نويابىر كۈنلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ناھىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 29 كىشىنى بۇ ناھىيەنىڭ ئالتە يېزا-بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى ، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە تەشكىللىدى .
پوسكام ناھىيەسىدە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ ، يېزا-بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش سالمىقى بارغانسېرى زورايتىلدى .2012-يىلدىن بۇيان ، ناھىيەدىكى ئالتە يېزا–بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشى تۈرىگە جەمئىي 23 مىليون 755 مىڭ 900 يۈەن مەبلەغ سېلىندى ، بۇنىڭدىن 11 مىليون 887 مىڭ 800 يۈەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ يۆلەش مەبلىغى بولۇپ ، 1:1 نىسبەت بويىچە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى سىستېمىلىشىش ، قېلىپلىشىشقا يۈزلەندى . لېكىن ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشىدا ، بولۇپمۇ باشقۇرۇلۇشىدا بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلاپ ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىرلىرى كۆپىيىپ قالدى .
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى كۆزدىن كۆچۈرۈشتە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار فۇنكىسىيەلىك تارماقلار ، شۇنداقلا يېزا-بازارلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ، سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىلىپ ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ، باشقۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تۈزىتىش تەدبىرلىرى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر