- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› نى ئورتاق قۇرۇشتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى
2013.11.15 14:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 14 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى جاڭ ۋېيۋېن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى جاڭ ۋېيۋېن قاتارلىق يەتتە مۇتەخەسسىس 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ھەر يىلى شىنجاڭغا كېلىپ، ئوخشىمىغان شەكىل ۋە تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر قېتىم بىر نۇسخا مەسلىھەت دوكلاتى تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونمىزدىكى مۇھىم پورت ۋە تۇرپان ۋىلايىتى، گۇچۇڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكنى قانداق جارى قىلدۇرۇشىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاڭ چۈنيشەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان ‹‹جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىتاغ سەپىرى›› پائالىيىتى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ۋە جېجياڭ كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى ھەم جىپسىلاشتۇرۇشتا نەتىجە كۆرۈلدى.
جاڭ چۈنيشەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپلىك ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى. مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلەرنى چۆرىدەپ، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇشتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختا بازىسىنى مۇستەھكەملەۋاتىدۇ، جېجياڭ ئۆلكىسى گۈل بېسىش، بوياش ۋە كارخانا كۇرسلۇق مەھسۇلات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرسا بولىدۇ.
جاڭ ۋېيۋېن مۇنداق دېدى: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى ئورتاق قۇرۇش شىنجاڭغا نىسبەتەن پۇرسەت بولۇپلا قالماي، شەرقىي قىسىم، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا بازىرىغا كىرىشىدىكى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، جېجياڭدىكى چوڭ سودا گۇرۇھلىرى، ئېنېرگىيە گۇرۇھى، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى بۇ مۇھىم سەھنىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىن ماتېرىيال ئېلىپ، تاۋارلارنى يىغىش – تارقىتىش بازىرى ۋە پىششىقلاش مەركىزى قۇرۇپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى قۇرۇشتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر