- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹12-بەش يىل››لىق پىلاننىڭ يولغا قويۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى
2013.11.13 15:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-نويابىر ‹‹12-بەش يىل ›› لىق پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : بۇ يىل ‹‹ 12-بەش يىل ›› لىق پىلاننىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش يىلى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ‹‹12-بەش يىل›› لىق پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە قاراپ چىقىدۇ . بۇ تۈردىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-نويابىر ‹‹12-بەش يىل ›› لىق پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، ‹‹12-بەش يىل ›› لىق پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تۈرلۈك نىشان ، ۋەزىپە ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۈنۈمى قاتارلىقلار بويىچە ئەھۋال ئىگىلىدى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قاتارلىق 14 تارماقنىڭ مەسئۇللىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹12-بەش يىل›› لىق پىلاننى ئىجرا قىلىشتىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ۋە مۇھىم نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ، شۇنداقلا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ، ‹‹پىلان ›› نى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار، ‹‹12-بەش يىل›› لىق پىلان دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە رىقابەتلەر ھەمدە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى دوكلات قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر