- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسى 15-نويابىر باشلىنىدۇ
2013.11.08 15:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ماتېرىيال سۈرەت : 12- ئاۋغۇست بىڭتۇەن 5-شى 89-تۇەننىڭ 10 مىڭ مولۇق ئۈزۈم بازىسى
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلاشقان 2013-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 7-نويابىر گۇاڭجۇدا ئېچىلدى. يىغىندا، 5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىنىڭ موشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى پاجۇ كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ C رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە گۇاڭجۇ شەھەر ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، يىغىن مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ 14 ۋىلايەت ( ئوبلاست ، شەھەر)نىڭ 80 گە يېقىن ناھىيە ( شەھەر ) سىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ 12 چوڭ تۈر ، 40 خىل سورتتىكى 500 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر