- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ چۈنشيەن ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى
2013.11.06 15:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسىنى›› تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرايلى
ياڭ پىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى 5 – نويابىر ئاقسۇدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: تىنچ شىنجاڭ گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇھىم كاپالىتى، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز خەلقىنىڭ ئۈمىدى بىلەن بىۋاسىتە ماسلىشىدۇ، نۇرغۇن ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك مۇساپىسىگە قويۇپ پىلانلىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا (مەھەللە) ساقچى ئىشلىرى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تىنچ، ئىناق ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى چىڭىتىشى؛ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى؛ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى ئۆزگەرتىش، ‹‹چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلىشىش››نى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردىكى ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىنى ۋە مەخسۇس خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىي تەپەككۇر، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ماجىرانى 1 – سەپتە ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ بولۇشىغا، ئۇزاق ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ شۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش؛ يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى)لارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتى مەركىزىي قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى چىڭىتىش؛ جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ‹‹مۇرەسسە›› خىزمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىدا ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر