باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول ئىدارىسى 21–نويابىردىن باشلاپ پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ

2013.11.06 14:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول ئىدارىسى 21 – نويابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ يېڭى قاتناش لايىھەسىنى يولغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى 21 – نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى – خوتەن ئارىسىدا ئىككى كۈندە بىر بېرىپ – كېلىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى سالىدۇ. ئون قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ.

  ئۈرۈمچى – خوتەن ئارىسىدا ئىككى كۈندە بىر تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ

  ئۈرۈمچى – خوتەن ئارىسىدا 1/K9774 ,3/K9772 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋاگونلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن ۋاگونغا ئالماشتۇرۇلىدۇ ھەم يېڭى بېلەت باھاسى يولغا قويۇلىدۇ. پويىز تۇرپان، قاراشەھەر، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، مارالبېشى، قەشقەر، يېڭىشەھەر، ئاقتۇ، يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش قاتارلىق ۋوگزاللاردىن ئۆتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 3/K9772 قېتىملىق پويىز 21 – نويابىردىن باشلاپ قوزغىلىدۇ. ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 26:11دە قوزغىلىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 56:19دە خوتەن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ. پۈتكۈل مۇساپە ۋاقتى 32 سائەت 30 مىنۇت؛ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان1/K9774 قېتىملىق پويىز 23 – نويابىر قوزغىلىدۇ. خوتەن ۋوگزالىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 08:9دە قوزغىلىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 30:17دە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىدۇ. پۈتكۈل مۇساپە ۋاقتى 32 سائەت 22 مىنۇت. ئون قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ بۇ قېتىمقى پويىزلارنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى تەڭشەش لايىھەسىدە، ئون قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ۋە يېتىپ بېرىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ۋاقتى تەڭشەلگەن پويىزلار تۆۋەندىكىچە: شىئەن – كورلا K169 قېتىملىق پويىز: كورلىغا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:16دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقىدىن ئىككى مىنۇت كېيىن؛ باۋجى – ئاقسۇ K1661 قېتىملىق پويىز: ئاقسۇغا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقىدىن 50 مىنۇت بۇرۇن؛ ئاقسۇ – باۋجى K1662قېتىملىق پويىز: ئاقسۇدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 42:23دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقىدىن بىر سائەت ئىككى مىنۇت كېيىن؛ ئۈرۈمچى – كورلا7/K9756 قېتىملىق پويىز: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:20دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش، كورلىغا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:9دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقىدىن 25 مىنۇت كېيىن؛ ئۈرۈمچى قەشقەر7/K9786 قېتىملىق پويىز: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 39:9دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش، قەشقەرگە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 31:10دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتىن 1 سائەت 26 مىنۇت بالدۇر. قەشقەرئۈرۈمچى 5/K9788 قېتىملىق پويىز: قەشقەردىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 26: 14دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقىدىن 54 مىنۇت كېيىن، ئۈرۈمچىگە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:14دە يېتىپ كېلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش؛ ئۈرۈمچى ئاقسۇ 7/5806 قېتىملىق پويىز: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 59:21دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش، ئاقسۇغا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 51:17دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقىدىن 36 مىنۇت بالدۇر؛ ئاقسۇ ئۈرۈمچى5/5808 قېتىملىق پويىز: ئاقسۇدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:15دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقىدىن 27 مىنۇت كېيىن، ئۈرۈمچىگە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 49:11دە يېتىپ كېلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش؛ ئۈرۈمچى خوتەن 7/5826 قېتىملىق پويىز: ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 43:8دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقى ۋاقىت بىلەن ئوخشاش، خوتەنگە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 58:17دە يېتىپ بارىدۇ، ھازىرقىدىن 37 مىنۇت بالدۇر؛ خوتەن ئۈرۈمچى 5/5828 قېتىملىق پويىز: خوتەندىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 25:11دە قوزغىلىدۇ، ھازىرقىدىن 2 سائەت 20 مىنۇت كېيىن، ئۈرۈمچىگە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 40:22دە يېتىپ كېلىدۇ، ھازىرقىدىن 34 مىنۇت كېيىن.

  ئۇنىڭدىن سىرت، قەشقەر ئۈرۈمچى 5/7558 قېتىملىق پويىزنىڭ ئاتۇش ۋوگزالىدا توختىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۈرۈمچى – قەشقەر 7/K9786 قېتىملىق پويىزنىڭ خېجىڭ ۋوگزالىدا توختىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى ئاقسۇ ئارىسىدا قاتنايدىغان7/K9766 قېتىملىق پويىز 20 – نويابىردىن باشلاپ قاتنىمايدۇ؛ ئاقسۇئۈرۈمچى ئارىسىدا قاتنايدىغان 5/K9768 قېتىملىق پويىز 21 – نويابىردىن باشلاپ قاتنىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر