- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى 15 كارخانا 2013-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
2013.10.31 17:10
شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇنبىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، شىنجاڭدىكى 15 كارخانا 2013-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن ، بۇ سان 2012-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 2013-يىللىق جۇڭگو قۇرۇلۇش كارخانىلىرى تەرەققىيات مۇنبىرىنى جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ ، مۇنبەردە 2013-يىللىق 500 كۈچلۈك جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى ، 100 كۈچلۈك خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى، ئەڭ زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە 100 كارخانا تاللىنىپ چىققان . شىنجاڭ چىڭسۇڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ غەربىي دىيار قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ دېشىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئەڭ زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە 100 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر