- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقسۇدىن چىڭدۇغا بىۋاستە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى
2013.10.25 16:01 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
23-ئۆكتەبىر ، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاقسۇدىن چىڭدۇغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يولۇچىلار بىۋاستىلا ئاقسۇدىن چېڭدۇغا بارالايدىكەن.
2013-يىلىنىڭ باشلىرىدا ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى چىڭدۇدىن ئاقسۇغا قەرەللىك ئۇچىدىغان ئايروپىلان كۆپەيتىشنى بېكىتكەن .21-ئۆكتەبىر ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئايرودۇرۇمنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىگەن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى، ئەسلىھە ئەھۋالى ۋە تۈرلۈك كاپالەت ئىقتىدارىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر