- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى كەسپىي بېلەت تەسىس قىلدى
2013.07.31 11:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇل شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىدىن ئېگىلىنىشىچە، بۇ يىل جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە كەسپىي كۆرۈرمەنلەر توردا ئالدىن تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا كەسپىي كۆرۈرمەنلەر بېلىتى قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەرنى چىقاردى. شەرتكە چۈشىدىغان كەسپىي كۆرۈرمەنلەر ئەگەر 21-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى ئورگان تورىغا چىقىپ، كەسپىي كۆرۈرمەنلەر ئالدىن تىزىملىتىش قانىلى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك كەسپىي كۆرۈرمەنلىك كېنىشكىسى بېجىرگەنلەرگە بىردەك ھەقسىز بېجىرىپ بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان