- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ خوتەن ئونىنچى نۆۋەتلىك قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى گېلىمى كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا
2013.07.26 17:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-ئاينىڭ 25-كۈنى، «شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى گېلىمى كۆرگەزمىسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە قولدا توقۇلغان قوي يۇڭى گېلىمى كۆرگەزمىسى» 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى، چاچ ئۆرۈش مۇسابىقىسى، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى، خېرىدار چاقىرىپ،مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە سودا تۈر كېڭىشى توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، باشلىقلار مۇنبىرى، خوتەن ئېسىل مەھسۇلاتلار ساياھىتى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇملۇق شادلىق بايرىمى قاتارلىق 11 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار