ئىختىيارىي مۇخبىرى دىلشاد ئىدرىسى خەۋىرى: 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ نومۇرى بولغان ناخشا-ئۇسۇللۇق ئوپېرا «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»تە دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئوپېرا سەھنىلىرىدە جانلىنىۋاتقان «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر يۇنۇس «2009 – يىلى جۇڭگو تور ساھەسىنى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس» نامىغا ئېرىشكەن ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ پروتوتىپى بولغان ئۇيغۇر ئانا پەرىدەنىڭ رولىنى، داڭلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا پەرىدە ئانىنىڭ 6 – بالىسى، بېقىۋالغان ئوغلى ئەكبەرنىڭ رولىنى، شىنجاڭ ئوپېرا تىياتىرىنىڭ ئارتىسى نۇرمۇھەممەت سەمەت پەرىدە ئانىنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرغۇننىڭ رولىنى ئالدى. بۇ سەنئەتكارلىرىمىز 50 كۈنگە يېقىن رېپىتىسىيە تەييارلىقىدىن كېيىن، 20 – ئىيۇل شىنجاڭ «خەلق سارىيى»دا ئوينالغان «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»تە ئۆز روللىرىنى مۇۋەپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ــــ ئوپېرادا رول ئېلىشتىن بۇرۇن ۋەقەلىكتىكى باش قەھرىمان پەرىدە ھەدە يەنى ئەسلى پېرسۇناژ ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئىش – ئىزلىرىنى بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتىم، ئۆزىنىڭ 10 بالىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشىنى ئارانلا قامداپ كېتىۋاتقان بىر ئانىنىڭ 6 مىللەتتىن بولغان 9 بالىنى بېقىۋېلىش جەريانىدىكى ئىز – ئىزلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكى مۇشۇنداق بىر ئاددىي – ساددىي ئانىنىڭ بېقىۋالغان بالىلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك زور بەدەل تۆلىگەنلىكىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆتمۈشلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. باش قەھرىماننىڭ ئىش – ئىزلىرى ھەقىقىي ۋەقە بولغاچقا، ھېچ ئويلانمايلا ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم،- دېدى دىلبەر يۇنۇس،- رولغا چىقىدىغانلىقىم ھەققىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىنارىيەنى قولغا ئالغىنىمدا 20 – ئىيۇلغا يەنى ئوپېرا سەھنىدە رەسمىي قويۇلىدىغانغا يەنە 42 كۈن قالغانىدى. بۇرۇن بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغاچقا دەمەللىققا تۇرۇپ قالدىم. بولۇپمۇ ئوپېرادىكى دۇمىلاش، يۈگۈرۈش ھەرىكەتلىرى ماڭا نىسبەتەن بىر سىناق بولۇپ قالدى. رول ئېلىش جەريانىدا ئۆزۈمنى شۇنچە ئازادە تۇتتۇم، كىچىك ھالقىلار، ئىپادىلەرگىمۇ شۇنچىلىك كۈچ سىڭدۈردۈم، تۇرمۇشقا قانچىلىك سىڭەلىسەم شۇنچىلىك سىڭىپ، ئاددىي لېكىن بىر ئۇلۇغ ئانىنىڭ رولىنى مۇۋەپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىشقا تىرىشتىم. ھارۋا سۆرەش، سۈت تۇڭىنى كۆتۈرۈش، يەرگە قويۇش، قارلىق دالىدا يۈگۈرۈش، قاردا دومىلاش، ئوغلۇمنى قاردا سۆرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىش جەريانىدا شۇنچە ھېرىپ – ئىچىپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇلۇپ، ۋەقەلىكتىكى ئەسلى تىپ ھەنىپە ئانا سەھنىگە چىقىپ، مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ماڭا «سىڭلىم سىز بەك ياخشى رول ئالدىڭىز» دېگىنىدە ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.
ـــ بەلكىم ھەربىر دۆلەتتە مۇشۇنداق ئانىلار بولۇشى مۇمكىن، سەنئەت دۇنياۋى ئورتاق تىل، ئىنسانىي پەزىلەتكە بولغان مەدھىيە دۇنياۋى قىممەت قارىشىدۇر، ئوپېرا «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنىمۇ تارقاتتى،- دېدى دىلبەر يۇنۇس ماڭا.