- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مال باھاسى ئۆرلىدى شىنجاڭدا ئاھالە كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىدى
2013.07.24 17:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا ئاھالىنىڭ كىرىمى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى، بىراق ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئاستا بولدى.
23-ئىيۇلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئېگىلىنىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا شىنجاڭدا ئاھالىنىڭ كىرىمى داۋاملىق تېز ئاشقان، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى 9624.84 يۈەن، يېزا ئاھالىسىنىڭ نەق پۇل كىرىمى 3268.75 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئايرىم ھالدا 10.9% (نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى) ۋە 14.0% (نامدىكى ئېشىش سۈرئىتى) بولغان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3- ۋە 4- رەتكە تىزىلغان، بىرىنچى پەسىلدىكىدىن ئىككى دەرىجە ئالدىغا ئۆتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم