- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقسۇ ۋىلايىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە نەقلەشكەن مەبلەغ 14 مىليارد 4 مىليون يۈەندىن ئاشقان
2013.07.24 17:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىدىن ئېگىلىنىشىچە، 2013-يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ۋىلايەت بويىچە ئەمەلىيلەشكەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى 196 تۈر (داۋاملىق قۇرۇلغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 14 مىليارد 4 يۈز مىليون يۈەن بولغان، بۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 35% ئېشىپ، يىللىق نىشاندىكى ۋەزىپىنىڭ 54% ئورۇنلانغان. ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، 2013-يىل ۋىلايەت تۇنجى قېتىم ناھىيە(شەھەر)لەرگىمۇ 8 مىلياردلىق ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرگەن، بۇ پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش نىشان ۋەزىپىسىنىڭ 30% دىن يۇقىرى بولۇپ، ھازىرغىچە 37 جېجياڭنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدە ئىش باشلانغان، نەقلەشكەن مەبلەغ 2 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم