- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۆتىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى
2013.07.22 18:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆتىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى ھەمدە تۇنجى مەيدان ئويۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمى سەنئەت نومۇرى ئورۇنداش، كۆرگەزمە قىلىش، ئېكىسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئۈچ بۆلەككە ئايرىلغان. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكىدىن جەمئىي 18 ئۆمەك قاتنىشىدۇ، سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 3دىن سەنئەت نومۇرى ئورۇنلايدۇ، جەمئىي 4 مەيدان ئويۇن قويۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار