- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىم ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسى يۈز بەردى، سوقۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مۇھىت ئاسراش ئىشچىسىنىڭ ئىدارىسى جىنايەتچىنى تۇتقانلارغا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2013.07.22 17:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن ئىككى كۈندە، ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى يىمىن كوچىسى دۇڭشياڭ يولى ۋە ئۈرۈمچى-سانجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ئوتتۇرا قىسىمىدىكى پەنجيا يول بۆلىكىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىر مىدۇڭ رايونىدا سوقۇلغۇچىنىڭ ئىدارىسى جىنايەتچىنى تۇتقانلارغا ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۈرۈمچى-سانجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن شوپۇر ما x مۇ تۇتۇلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار