باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەدىنىنىڭ %97 ى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان شىنجاڭلىق يىگىت ئۈمۈدۋارلىق بىلەن مودا قوغلىشىپ ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن

2013.07.17 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23 ياشلىق ھەسەنجاننىڭ ئەگەر مۇمكىن بولسا جوۋ جېلۈنگە ئوخشاش سەھنىنىڭ ئەتراپىغا لىققىدە تاماشىبىنلار تولغان بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بار. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بۇ قارىماي شەھىرىلىك يىگىت چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ، پالپال قەغەزدە بۈدرە قىلىپ باققان ، ئىئونلۇق بۈدرە قىلىپ باققان... ئۇ توختىماي ئەڭ مودا چاچ پاسونلىرىنى سىناپ باققان. ئۇ ياپونىيە-كورىيە پاسونىدىكى كىيىملەرنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ قۇلىقى سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتا بولسىمۇ، تېخى بىر تال قىزىل ھالقا تاقىۋالىدۇ،

  ئۇ ئۆزىنى «تاشقى پىلانت ئادىمى» دەپ ئاتىۋالىدۇ. بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ يۇقىرىقى بەدىنى كىچىكلەپ قورۇلۇپ قالغان. بىرسىگە قارىغاندا پۈتۈن بەدىنى بويىچە بۇرۇلۇپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى بىلەن سول مۈرىسىنىڭ يېرىمى تۇتۇشۇپ قالغاچقا، يۈزى ئېغىر دەرىجىدە تولغىنىپ كەتكەن، بېشى داۋاملىق يانتۇ تۇرىدۇ، ئاغزى يىرتىلىپ كەتكەندەك بىر تەرەپكە قىيسىيىپ تۇرىدۇ. ئىككى بېلىكى قولتۇقى ئاستىغا چاپلىشىپ قالغاچقا مىدىرلىتالمايدۇ. ئالقىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ %97تى كۆيۈپ كەتكەچكە، دوختۇر ئۇنى 12ياشقىچىمۇ ياشىيالمايدۇ، دېگەنىدى. بۈگۈنگىچە ئۇ 80 نەچچە قېتىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار