- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«كۆركەم تەڭرىتاغ. شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسىملىرى مەملىكەت ئىچى سەييارە كۆرگەزمىسى» بېيجىڭدا ئېچىلدى
2013.07.15 17:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى گۈزەل سەنئەت پائالىيىتى «كۆركەم تەڭرىتاغ. شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسىملىرى مەملىكەت ئىچى سەييارە كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە رەسىم رەسساملىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە تۇنجى قېتىم نامايان بولۇشى ۋە كۆرگەزمە قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. كۆرگەزمىگە قويۇلغان 100 پارچىدىن ئارتۇق جۇڭگوچە رەسىم مېھىر-مەھەببەتكە تويۇنغان، ئۆزگىچە ئالاھىلىككە ئىگە، ئىدىيۋىلىك، سەنئەتلىك ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بولۇپ، «ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى يېتەكچى قىلىشتا چىق تۇرۇش»نىڭ يېڭى دەۋردىكى مول روھىي مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. بۇ 2011-يىلى 8-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتتە مۇۋاپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن « شىنجاڭ جۇڭگوچە رەسىملىرى مەملىكەت ئىچى سەييارە كۆرگەزمىسى» دىن كېيىن. يەنە بىر قېتىم شىنجاڭنى ئىپادىلەش، شىنجاڭنى نامايان قىلىشنى تېما قىلغان كاتتا گۈزەل سەنئەت پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن.تۇنىياز ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. (مۇخبىر: چېن فېڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار