باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن مەسچىتلەردە زىيارەتتە بولدى

2013.07.05 15:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئىيۇل ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چىڭ جېنشەن قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن مەسچىتلەردە زىيارەتتە بولۇپ ، بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلاپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن سەزگۈر ۋاقىت ۋە رامزان مەزگىللىرىدىكى تۈرلۈك دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى ، دىنىي پائالىيەت مەيدانىدىكى ئامانلىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا سۆھبەتتە بولدى .

  شەۋكەت ئىمىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ئاق مەسچىت ۋە نوغاي مەسچىتكە كېلىپ ئۇلارنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلولىرىغا بولغان كۆز قارشىنى ئاڭلاپ ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىنكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .

  شەۋكەت ئىمىن كەڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە