باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنال تارقاتتى

2013.07.04 15:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئىيۇل چۈش سائەت 12:00 دە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنال تارقاتتى . بۇ مۇداپىئە سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 3-ئىيۇل كۈندۈزدىن 5-ئىيۇلغىچە ، بايىنغولىننىڭ جەنۇبى ، قومۇلنىڭ جەنۇبى قاتارلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃ 37 تىن يۇقىرى بولىدىكەن ، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 40 تىن ئاشىدىكەن ، تۇرپان شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃41 قا چىقىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، 4-ئىيۇل كۈندۈزى ، خوتەن ، شىخەنزە ، سانجى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃ 35 تىن ئاشىدىكەن .

  3-ئىيۇلدىن باشلاپ ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەشكە باشلىدى . بۈگۈن (4-ئىيۇل) ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃34 بولىدىكەن . بىراق ، مەركىزىي شەھەردە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشمايدىكەن ، 5-ئىيۇلدىن باشلاپ يەنە ھۆل يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە