- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مارالبېشى ناھىيەسى 9-نۆۋەتلىك ‹‹قەشقەر يەرمەنكىسى››دە يەتتە مىليار يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى
2013.07.01 14:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
توختام ئىمزالاش نەق مەيدانى
29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 9-نۆۋەتلىك ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى ›› دە، شاڭخەي، فۇجيەن، خۇبېي، خېنەن، سىچۈەن، جېجياڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن 20 تۈرلۈك توختام ئىمزالىدى ، توختام ئومۇمىي سوممىسى ئالتە مىليارد 932 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى . بۇ ياقا يۇرتلۇق سودىگەرلىرىنىڭ مارالبېشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشەنچىسى بارلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى ، تېخىمۇ مۇھىمى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسنى نامايان قىلدى .
بۇ 20 تۈر ۋانادىي تىتان پىششىقلاپ ئىشلەش ، تاۋار ئوبوروتى ، يورۇقلۇق ، توك چىقىرىش ، ئۆي-مۈلۈك ئېچىش، مېھمانساراي قۇرۇلۇشى ، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە