باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاڭخەي «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»دە «مودا تۇرمۇش»نى كۆرگەزمە قىلدى

2013.06.28 15:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ـــ ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى (قىسقارتىلىپ «قەشقەر دودا يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ)نىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان ، شاڭخەي شەھىرى ئۇيۇشتۇرغان «مودا تۇرمۇش»نى كۆرگەزمە قىلىش يىغىنى 27-ئىيۇن قەشقەر شەھەرلىك «يۆشىڭ» شاڭخەي شەھەرچىسى ـــ «يۆشىڭ» ميەنجياڭ خەلقئارا مېھمانسارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى .

  شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى يىن خوڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ «مودا ئىشىكى»نى بىللە ئاچتى .

  قەشقەر شەھەرلىك «يۆشىڭ» شاڭخەي شەھەرچىسى شاڭخەي شەھىرى ‹‹يۆشىڭ›› گۇرۇھى قەشقەردە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرىسا گەۋدە بولۇپ ، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي ، مودا ئېقىم مەركىزى ، خەلقئارالىق ئولتۇراقلىشىش ، تاۋار كۆرگەزمىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئولتۇراق ئۆي بىر گەۋدىلەشكەن . تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇش 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي ، مودا ئېقىم مەركىزى ۋە مېھمانساراي شەكىلىدىكى ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملاندى ، بۇ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ .

  «مودا تۇرمۇش» كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى شاڭخەي «تيەنخۇي» مودا ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونى ، مودا كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمە رايونى ، بېزەك بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونى ، ئالىي دەرىجىلىك خوتەن قاشتېشى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە